Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:24
8 Referans Kwoze  

- مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەك خاپا بولۇپ: _ سېنىڭچە مەن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ لالما ئىتى ئىكەنمەن-دە؟ مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا، يەنى ئاتاڭ سائۇلغا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن مېنى بىر خوتۇن ئۈچۈن ئەيىبلەۋاتىسەن.


بالاق بىلئامغا: _ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى.


يوئاب قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنىڭغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ، پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ. ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.


سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى.


كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite