Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:18
11 Referans Kwoze  

سامۇئىل سائۇلغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى.


مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتنى شىمالدىكى دان شەھىرىدىن جەنۇبتىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان بولسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپىدۇ. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلىدۇ. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى.


«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite