Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ، يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا: _ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:16
9 Referans Kwoze  

بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمئى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا بېرىشقا ئالدىرىدى.


پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.


يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا، ئۇ مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغانىدى. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، مەن: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانىدىم.


لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئېرىدىن، يەنى لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى.


ئارابالىق ئابى-ئالبون، باخۇرىملىق ئازماۋەت،


نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل مىزپاھتىن چىقىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇ يالغاندىن يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: _ مەن بىلەن بىرگە ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىڭلار.


ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ غوجىدارى زىبا، ئۇنىڭ 15 ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite