Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «سىڭلىڭ مىكالنى، يەنى مەن يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:14
7 Referans Kwoze  

داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى.


سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى.


سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، 40 ياشتا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى.


ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.


داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئېرىدىن، يەنى لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite