12 ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «بۇ زېمىن سىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن كېلىشىم تۈزۈڭ، مەن سىزگە ياردەملىشىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى سىزگە ئېلىپ بېرىمەن» دېدى.
ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
لېكىن ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئادەملىرى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى.
سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا.
ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
ئابنېر داۋۇتقا: _ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىڭىز، پۈتۈن ئىسرائىللارنى ئالدىڭىزغا جەم قىلاي، ئۇلار سىز بىلەن كېلىشىم تۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ پادىشاھى بولىسىز، _ دېدى. داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى.
ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.
داۋۇت: «ياخشى گەپ! مەن سەن بىلەن كېلىشىم تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سەندىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەل، بولمىسا سەن مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى، يەنى ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى.