7 تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى.
بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ.
غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنى داندىن بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى.
بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.
ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى.
ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.
ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.