Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنى داندىن بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:2
16 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا،


خۇدادىن ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، تېنىمگە تىكەن سانجىلغاندەك بىر ئازاب يېپىشىپ، خۇددى شەيتاننىڭ يالاقچىسىنىڭ قىيناشلىرىدەك مېنى قىينىدى. بۇ، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!


كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.


بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.


شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ داندىن بەئەرشەباغىچە جايلاشقان ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ، مەلۇمات قىلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى.


ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،


مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن. ئىسرائىللار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىزدۇر. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى باشلاپ، جەڭگە بارغايلا.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلچىكىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى.


ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم بىر خۇرجۇن نان ۋە بىر تۇلۇم سۇ تەييارلاپ، ئۇلارنى ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.


شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite