15 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى.
شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا چۈشۈردى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىملاشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرمىگەنىدى.
قارىۋىدىم، بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر دىيارى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.
بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.
ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.
لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنى داندىن بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.