Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:13
20 Referans Kwoze  

ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرسۈنمۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟


داۋۇتنىڭ زامانىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبىدىن بۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى، _ دېدى.


سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر.


ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ.


ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.


پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


تاكى سىلەر ھالاك بولغۇچە، پەرۋەردىگار سىلەرنى قىزىتما، ياللۇغ ۋە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئىسسىق شامال ۋە قۇرغاقچىلىق ئەۋەتىپ، زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ ياكى نەملىك بىلەن چىرىتىدۇ.


مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.


نە قاراڭغۇدا بىلدۈرمەي تارقالغان ۋابادىن، نە يورۇقتا كەلگەن ئەجەللىك ئاپەتتىن.


_ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى.


پەرۋەردىگار نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى.


ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.


ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا: _ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز، شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite