Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار:

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 24:11
9 Referans Kwoze  

گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: _ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى.


ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)


پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.


ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى.


_ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى.


پەرۋەردىگار داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا:


پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.


پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite