Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:9
12 Referans Kwoze  

ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.


داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


بۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.


قارىسام، ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى، بەكلا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى. شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم، قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن شاراب كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم يانجىدىم، ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى. مەن غەزەپلىنىپ، دۈشمەنلىرىمنى يانجىدىم، قەھرىم تېشىپ، رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم. ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ، كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى بۇلغىدى.


مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ.


ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى.


ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ،


بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite