Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:6
12 Referans Kwoze  

ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ گېپىدىن قورقما. گەرچە ئەتراپىڭنى تىكەن ۋە ئازغانلار قاپلاپ كەتسىمۇ ۋە چايانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ھودۇقما، سۆزلىرىگە ئېرەن قىلما، ئەلپازلىرىغا قاراپ ئەنسىرىمە، چۈنكى ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.


خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.


تۇرار مېنىڭ ئامرىقىم قىزلار ئارا، چېچەكلىگەن قىزىلگۈلدەك تىكەن ئارا.


شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى.


يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتلەرنى يەيسەن.


ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ،


مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،


سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.


ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن، ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى. ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite