34 مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلوھلۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،
داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.
ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى.
ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى توقۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى. زوباھ ۋە رىخوبتىكى ئارراملار، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى دالادا ئايرىم بىر سەپ تۈزدى.
ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.
بۇ چاغدا شىبا شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. بىكرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەنىدى.
ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان يائىر پۈتۈن ئارگوب زېمىنىغا، يەنى باشانغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىنىنىڭ چېگراسى گىشۇرلار ۋە مائاكالارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشاتتى. ئۇ يېزىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويدى، بۇلار تاكى ھازىرغىچە «يائىر يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)
داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن بىرگە سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئابىشاي: _ مەن سىز بىلەن بىرگە بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى. ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى.