23 ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.
بىنايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا،
پادىشاھ داۋۇت يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى.
ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە سىلىگە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر.
بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.
تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر»لاردىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان،
بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.