Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى، يەنى يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:18
11 Referans Kwoze  

ئارراملارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.


قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.


ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى.


ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.


ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاسائېلمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى.


ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.


بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite