Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 _ ئى پەرۋەردىگار، بۇ سۇ ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سۇ ئالغىلى بارغان ئۈچ باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇ سۇنى قانداقمۇ ئىچەي!؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:17
14 Referans Kwoze  

_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟


- بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.


بىراق نابوت ئاخابقا: _ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.


يوئاب: _ خۇدا ساقلىسۇن! مەن بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن.


پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇمنى ئېلىپ كېتەيلى.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.


يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ياق، ھەرگىز ھەممىڭلارنى قۇل قىلمايمەن! پەقەت جامنى ئالغان كىشىلا ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىڭلار، ئامان-ئېسەن بولۇڭلار، _ دېدى.


لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.


_ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite