15 داۋۇت: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.
ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.
ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.
ھاجەتمەن نامراتلار سۇ ئىزدەپ تاپالمىغاندا، ئاغزى قۇرۇپ كېتىدۇ. مەن پەرۋەردىگار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن. مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن.
زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.
پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
داۋۇت: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.
ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:
راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم»گە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى.