Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13-14 بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:13
9 Referans Kwoze  

فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.


ئەي مارېشا خەلقى، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلارغا بىر ئىشغالىيەتچى ئەۋەتىدۇ. ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرى ئادۇللام غارىغا قېچىپ بارىدۇ.


ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.


فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.


كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى.


يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا،


لىبناھ پادىشاھى ئادۇللام پادىشاھى


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite