Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەمما ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 23:10
20 Referans Kwoze  

ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى.


سائۇل: _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى.


بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»


سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.


خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.


«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.


ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.


شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.


_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.


شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟


شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.


پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.


پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، يول بويى قىرىپ ماڭدى ۋە ئازېقا، ماققېدا شەھىرىنىڭ يولىدا يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى.


لېكىن شامماھ ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.


فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئىسرائىل لەشكەرلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەلئازار بىلەن داۋۇت ئارپىلىقتا بولۇپ،


ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite