Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:9
17 Referans Kwoze  

چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.


قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا، ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.


مەن سىلەرنى، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان بىر زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن، چۈنكى غەزىپىم تېشىپ، ئوت بولۇپ ياندى، ئەمدى ئۇ سىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا سالغان سۆزلەرنى ئوتتەك قىلىمەن. شۇنداقلا بۇ ئادەملەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان ھۆكۈملەردىن پاراسلاپ كۆيىدىغان ئوتۇندەك قىلىمەن.»


قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ، قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت.


ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.


چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.


خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇلار ھالاك بولىدۇ، خۇدانىڭ غەزىپى تۇتسا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.


يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرار ئىدى ئۇ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


چوققىدىكى بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى.


پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.


پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite