5 ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى، ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.
سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا: - بۇ يەرگە كەل، سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان، داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي.
كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.
- يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلىڭلار.
كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.