سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى48 خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا. Gade chapit la |
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.
ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ رەقىبلىرى سائۇل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئالىدىغان ئىنتىقاملىرىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.