Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 ئۇلار ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:42
10 Referans Kwoze  

سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.


سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.


لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ.


چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى، لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب. ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!»


بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟


شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ.


شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite