Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:4
20 Referans Kwoze  

ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا.


ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.»


دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «رەببىمىزگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.»


قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.


ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ غەيرىي ئىلاھلاردىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.


ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.


«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ. ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.»


شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا، شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا.


نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا، شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا.


نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»


قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟


دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا، شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا.


ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا، پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!


ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا مۇناجات ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلارنى، شۇنداقلا ئاممون ۋە موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite