39 مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.
مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.
جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.
ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە، يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى يىغىپ، سەركەردىلەرگە: _ بۇ پادىشاھلارنىڭ بوينىغا دەسسەڭلار! _ دېدى. سەركەردىلەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى.
پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى.