34 كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.
شۇنداق قىلساڭلار مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلىمەن، ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى، ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى. تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى، تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى.
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاسائېلمۇ شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى.
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.
شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.»
يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر: