سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 22:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ماڭا پاناھ بولىدىغان قورام تېشىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر. Gade chapit la |
نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.