23 كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.
ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم.
تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى، كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.
ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.
ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.
بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى، جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى.
كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.
ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.
ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.
شۇندىلا ئۇ خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.