2 قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،
قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.
بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ.
ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ. قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا، بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.
ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.»
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.
پەرۋەردىگار يېگانە ۋە مۇقەددەستۇر، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.
ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.
ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا: ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟
سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پاناھلاندى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى.
سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «تاغ ئۆچكىسى قىياسى»نىڭ يېنىغا كەلدى.
پەرۋەردىگاردىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟
مۇستەھكەم قورغىنىم خۇدادۇر، ئۇ يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچىدۇر.
ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى
مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.