19 ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.
ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.
قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.
ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.
قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.
قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.