Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق قىلىپ، گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغانىدى. پادىشاھ داۋۇت گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 21:2
13 Referans Kwoze  

مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى.


شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان.


لېكىن يېھۇ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى.


يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى.


سائۇل: _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى قاتتىق جازالايدۇ _ دېدى.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا يەنە غەزىپى كەلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار داۋۇتنى كۈشكۈرتۈپ: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى.


كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite