سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 21:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئەمما مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالمىسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن جەڭگە چىقمىسىلا، _ دېيىشتى. Gade chapit la |
ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.
ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.
كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان مىزپاھتىكى گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ.