9 يوئاب ئاماساغا: _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى.
سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
بىرەرسى كېلىپ، ئابسالومغا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ قوياتتى.
ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى.
پادىشاھ: _ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز: _ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.
نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.
تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى.
دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر، دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر.