سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى. Gade chapit la |
ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى.
كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.