5 ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى.
داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»
سامۇئىل سائۇلغا: «مېنى يەتتە كۈن كۈت» دېگەنلىكى ئۈچۈن، سائۇل ئۇنى گىلگالدا يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى. ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى.
شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى.
يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا باردى.