Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:19
29 Referans Kwoze  

پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


_ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بەرسەم، گۇناھىمىزدىن ئۆتىسىلەر؟ قانداق قىلسام، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان بىزنى قارغىمايسىلەر؟


بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.


ئۇ يەنە: _ ئەمدى سىلەر دەرھال داۋۇتقا ئادەم ئەۋەتىڭلار. ئۇ بۈگۈن كېچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە قونماي، دەرھال ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتسۇن. بولمىسا، ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىرگە يوقىتىلىدۇ، _ دېدى.


ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. چۈنكى، بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈشكە ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز.


چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»


دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر: «ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى، بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى، ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!»


ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.


ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.


مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.


مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.


يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.


كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى.


ئىبراھىم پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشىپ: _ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرلىكتە ھالاك قىلامسەن؟


سىلەر بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈلھى قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار.


ئوغلۇم بىلەن مېنى خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان يېرىمىزدىن ئايرىماقچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم.


ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ: _ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق مەسىلىلەر ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن.


يوئاب: _ خۇدا ساقلىسۇن! مەن بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن.


ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى.


ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ قىلىپ تاللىۋالغانلىقىڭنى جاكارلىغانىدىڭ.


پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.


يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى، چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى.


ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite