18 ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ: _ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق مەسىلىلەر ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن.
يوئاب يېقىنراق كەلدى. _ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال. _ ھەئە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب. _ ئاجىزەلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال. _ ھەئە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب.
بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.