Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:15
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا يېرۇسالېمغا قارشى بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سېپىل تۈۋىگە توپىمۇ دۆۋىلىيەلمەيدۇ.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ،


ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.


مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.


پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.


بۇ چاغدا شىبا شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. بىكرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەنىدى.


ئاھالىسى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر كىچىك شەھەر بولغانىكەن. كۈچلۈك بىر پادىشاھ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئاپتۇ ۋە شەھەرگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا توپا دۆۋىلەپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite