Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 بۇ چاغدا شىبا شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. بىكرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە كىرگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:14
8 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.


پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى.


پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.


يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت،


ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى.


جەسەت يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى.


يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.


مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلوھلۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite