سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 جەسەت يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. Gade chapit la |
كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.