Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:10
13 Referans Kwoze  

لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاسائېلنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزىسىنىڭ دەستىسى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ، شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەندە، توختاپ قېلىشتى.


ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى.


ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قوللىرى بىلەن ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردۇر:


يوئاب ئاماساغا: _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى.


ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.


كېيىن قابىل ئىنىسى ھابىلغا: _ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،


نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-سېلىقلارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite