Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 20:1
31 Referans Kwoze  

شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»


بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.


خۇددى چوغ ئۈستىگە سالغان كۆمۈر كەبى، ئوت ئۈستىگە تاشلىغان ئوتۇن كەبى، ئۇلغايتار جېدەلخور جېدەل-ماجىرانى.


ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟


كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.


ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.


پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: _ بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.


ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.


بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە ئادەملىرىنى مەخپىي ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى.


لېكىن داۋۇت بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى پەسكەش، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بىرگە بارمىغاندىكىن، بىز ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى.


روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى.


ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا، شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە


- مەن پۇتۇمنى ھەرگىز سىزگە يۇغۇزمايمەن! - دېدى پېترۇس. - پۇتۇڭنى يۇمىسام، سەن مەن بىلەن بىرگە بولالمايسەن، - دېگەن جاۋابنى قايتۇردى ھەزرىتى ئەيسا.


بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر، ئاشبېل، گېرا، نائامان، ئېخى، روش، مۇپپىم، خۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.


ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.


پادىشاھ داۋۇتنى ھاقارەتلەپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن!


ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئون قەبىلىسى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى داۋۇتقا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى.


ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدىڭ› دېسۇن. ئاندىن سىلەر نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»


رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى.


ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر!


ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite