Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:8
18 Referans Kwoze  

ئايالى ئىسمى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى.


ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.


نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ ۋارقىرىدى: _ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ ۋارقىراشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر.


سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىغانىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېگەنىدى ئابنېر.


گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،


ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار، چۈنكى پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.»


ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى.


سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى.


داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى.


بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى.


ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،


پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى، يەنى ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى.


ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە نامى بار باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite