Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەي، مەنمۇ ياخشىلىقىڭلارنى ياخشىلىق بىلەن ياندۇراي.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:6
15 Referans Kwoze  

بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار.


پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: _ مەن «ياھۋەھ»دۇرمەن، پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرمەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن. مەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ۋاپادار خۇدادۇرمەن.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.


باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.


سەن يېقىندىلا كەلدىڭ. مەن ئۆزۈممۇ نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سېنى يەنە سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. خۇدا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى سەندىن تەرك ئەتمىسۇن! _ دېدى.


داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،


_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا.


_ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.


ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار، چۈنكى پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.»


ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.


ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite