30 داۋۇتنىڭ ئادىمى بولغان يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى.
ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى.
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى.