3 داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى.
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازىلىقى بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى.
پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. داۋۇت ھىبروندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: