28 شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى.
يوئاب: _ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى.
سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.
يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى.
يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى.
شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە نەسىھەت قىلدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى.