Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 يوئاب: _ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:27
11 Referans Kwoze  

توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.


ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرقانچىسى چىقىپ ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب.


سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ. سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ، ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.


ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟


پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن، جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن.


مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى، قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى.


«ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا ۋە قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەملىرىڭگە قېرىندىشىڭلارنى قوغلىماڭلار، دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.


شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite