Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەملىرىڭگە قېرىندىشىڭلارنى قوغلىماڭلار، دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:26
17 Referans Kwoze  

«مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.›


ئەتىسى، مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىي قېرىنداشنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: ˜سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟Œ دېدى.


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ.


دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


مەن قاچانغىچە ئۇرۇش تۇغلىرىنى كۆرۈپ، جەڭ بۇرغىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلارمەن؟»


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


ئەگەر رەت قىلىپ، ماڭا قارشى چىقساڭلار، سىلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىسىلەر.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.


ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ


«سىلەر مېنى قاچانغىچە قىينايسىلەر؟ سۆزلىرىڭلار بىلەن قاچانغىچە ئېزىسىلەر؟


«قاچانغىچە گەپ يورغىلىتارسەن؟ ياخشى ئويلان، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى.


داۋۇت خەۋەرچىگە: _ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۇرۇش رەھىمسىزدۇر. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىگىلە» دېگىن، _ دېدى.


ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ باشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى.


ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرقانچىسى چىقىپ ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب.


بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ دۆڭنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى.


يوئاب: _ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite