Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاسائېلنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزىسىنىڭ دەستىسى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن تېشىپ چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ، شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەندە، توختاپ قېلىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 2:23
7 Referans Kwoze  

ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


ئۇلار بۇغداي ئالىدىغانلاردەك ياسىنىپ، ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى.


ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.


پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېم شەھىرىگە كېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى. لېكىن يىبۇسلار داۋۇت بۇ شەھەرگە ھەرگىز كىرەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: _ سەن بۇ شەھەرگە كىرەلمەيسەن، سېنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور ۋە توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى.


لېكىن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ دۆڭىگە يېتىپ كەلدى. بۇ دۆڭ گىبئون چۆلىگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى.


ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite